ژۇرنال ھەققىدە

ژۇرنالنىڭ مەقسىدى ۋە يۆنىلىشى

ئۇيغۇرشۇناسلىق __تۈركشۇناسلىقنىڭ مۇھىم بىر تارمىقىدىن ئىبارەت بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى دۇنيا مىقياسىدا جۈملىدىن تۈركىيە، جۇڭگۇ، روسىيە، قازاقستان، شىۋېتسىيە، گىرمانىيە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئالاھىدە ئېتىۋار بىلەن قارالماقتا.
خەلقارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ژۇرنىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىققا ئائىت ئوخشىمىغان ئۇسلۇبتىكى ئىلمىي تەتقىقاتلارنى ئېلان قىلىش،  ۋە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا مەزكۇر تەتقىقاتلارنى خەلقئارالىق سەۋىيىگە كۆتۈرۈشنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئۆز نۆۋىتىدە تۈركشۇناسلىق تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشنى نىشان قىلغان بىر ژۇرنال. ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلار رايونىدىكى باشقا تۈركىي قەۋملەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تۈرلۈك تەتقىقاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ژۇرنال، تۈركشۇناسلىق ساھەسىدە بىر ئەدەبىي سەھىپە ھاسىل قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

خەلقارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ژۇرنىلى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى باشقا تۈركىي قەۋملەر (قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، سالار، سېرىق ئۇيغۇر ۋە تاتار) بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تىل، ئەدەبىيات، فولكلور، تارىخ سەنئەت، كۈلتۈر(مەدەنىيەت) ئىقىساد قاتارلىق تېمىلاردىكى ئىلمىي ماقالە، ساقلانمىلار، كىتاب تونۇتۇش، ۋە نەقىللەرنى ئېلان قىلىشنى ئاساس قىلغان يېرىم يىللىق تور ژۇرنىلى بولۇپ، تۈركشۇناسلىقتىكى ئومۇمىي تېمىلارغا ئائىت بولغان ماقالىلەرگىمۇ  ژۇرنال بېتىدىن ئورۇن بېرىلگەن.

خەلقارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ژۇرنىلىغا ئەۋەتىلگەن ماقالىلەر ئالدى بىلەن تەھرىرلىك ھەيئىتىنىڭ تەھرىرلىك قائىدىلىرىگە ئاساسەن قاراپ چىقىلىپ ،نەشىر قىلىشقا ئۇيغۇن بولغانلىرى، ئەڭ ئاز دېگەندە مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردىكى مول بىلىمگە ئىگە بولغان ئىككى نەپەر تەتقىقاتچىغا (رېپىر)ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ. مەزكۇر تەتقىقاتچىلارنىڭ(رېپىر) ئىسمى ئاشكارىلانمايدۇ ۋە ئالاقىدار دوكلاتلار بەش يىلغىچە ئارخىپتا ساقلىنىدۇ.

ئېلان قىلىنغان ماقالىلەرنىڭ ئىلمىي ۋە  قانۇنىي جاۋاپكارلىقى ئاپتورغا، نەشىر ھوقۇقى

«www.uygurarastirmalari.com» بولسا

غا تەۋەدۇر.

تەھرىر ھەيئىتى ژۇرنالغا ئەۋەتىلگەن ماقالىلارنى ئېلان قىلىش ياكى ئېلان قىلماسلىققا قارار بېرىدۇ. ئەۋەتىلگەن ماقالىلار بىردەك قايتۇرۇلمايدۇ.

ئاكادېمىكلار تەتقىقات دۇنياسىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت يۇقىرى سۈپەت ۋە يۇقىرى بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىشنى ئاساسىي قورال قىلغان بۇ ژۇرنال ،تۈركولوگىيە ساھەسىدىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى نەشر ئەپكارلىرىدىن بىرى بولغۇسى.

Uluslararası Uygur Araştırmaları Dergisi © 2016 Creative Commons Lisansı
Bu eser Creative Commons Atıf-GayriTicari-AynıLisanslaPaylaş 4.0 Uluslararası Lisansı ile lisanslanmıştır.