قائىدىلەر

تەھرىرلىك پىرىنسىپلىرى

ژۇرنىلىمىزغا ئەۋەتىلگەن ماقالىلەر، مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنمىغان ياكى نەشر پىلانىغا كىرگۈزۈلمىگەن ماقالىلەر بولۇشى كېرەك.

ژۇرنىلىمىزنىڭ ئاساسلىق نەشر تىلى تۈركىيە تۈركچىسى بولۇپ، يەنە ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى،

ئىنگىلىزچە، رۇسچە ۋە خەنزۇ تىلى قاتارلىق تىللارغىمۇ ئورۇن بېرىلىدۇ.

ژۇرنالنىڭ ماقالە ئەۋەتىش ئادرېسىغا ئەۋەتىلگەن ھەر بىر ماقالە، تاپشۇرۇپ ئېلىنغاندىن كېيىن، ئاۋۋال تەھرىر ھەيئەتلىكى تەرىپىدىن ژۇرنالنىڭ نەشىر پىرىنسىپلىرىغا شەكلەن ئۇيغۇن بولۇشىغا قاراپ (ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنىڭ سانى، سۆزلۈك سانى، پايدىلىنىش مەنبەسى قاتارلىقلار) باھالاپ چىقىلىدۇ. بۇ باسقۇچتا تەھرىر ھەيئىتى ماقالىلەرگە شەكلەن قاراپ چىققاندىن باشقا، ماقالىنىڭ مەزمۇنىغا ئائىت ھىچقانداق باھا بەرمەيدۇ.

ژۇرنالغا ئەۋەتىلگەن ماقالىلەر تەھرىر ھەيئەتلىكىنىڭ تۇنجى قاراپ چىقىشىدىن كېيىن ژۇرنالنىڭ ماقالە ئەۋەتىش ئادرېسىدىن ئىككى نەپەر بېكىتكۈچىگە (رېپىر) يوللىنىدۇ. ھەر ئىككىلا بېكىتكۈچى ماقۇل كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن ئېلان قىلىشقا بولىدۇ، ئەگەر بىرى رەت قىلسا ، ئۈچىنچى بىر بېكىتكۈچىنىڭ كۆزدىن كەچۈرىشىگە يوللىنىلىدۇ. ئۈچىنچى كىشىنىڭ (رېپىر) تەستىقىغا قاراپ ماقالىنىڭ ئېلان قىلىنىش قىلىنماسلىقىغا  قارار بېرىلىدۇ.

ئاپتور ۋە بېكىتكۈچى ئارىسىدىكى كىملىكنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن، ماقالىدە ئاپتورنىڭ كىملىكىگە ئائىت ھېچقانداق بەلگە-ئۇچۇر بولماسلىقى شەرت. شۇڭا، مەيلى ماقالىنىڭ ئىچىدىكى مەزمۇن بولسۇن ياكى ھۈججەت نامى بولسۇن ئاپتورنىڭ ئىسمى/ئىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالماسلىقى لازىم.

ئېلان قىلىنغان ماقالىلەرنىڭ مەزمۇنىغا ئائىت قانۇنىي جاۋاپكارلىق ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋەدۇر.

ژۇرنال نەشىر ھەيئەتلىكى ژۇرنالغا ئەۋەتىلگەن ماقالىلەرنىڭ ئېلان قىلىنىش ياكى ئېلان قىلىنماسلىقىغا قارار بېرىش ھۇقۇقىغا ئىگە. ژۇرنالغا ئەۋەتىلگەن ماقالىلەر بىردەك قايتۇرۇلمايدۇ.

ژۇرنالنىڭ نەشىر قىلىنىش پىرىنسىپلىرى ۋە يېزىق قائىدىلىرىغا ئۇيغۇن بولمىغان ئەسەرلەر قاراپ چىقىشتىن قالدۇرىلىدۇ.

خەلقئارا ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەردىن ھىچقانداق ھەق تەلەپ قىلىنمايدۇ.

     خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ژۇرنىلىغا ئەۋەتىلگەن ماقالىلەر تۆۋەندىكىدەك تەرتىپ باسقۇچلار بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ :

ژۇرنالنىڭ ئالاقىلىشىش ئادرېسىغا ئەۋەتىلگەن ھەر بىر ماقالە ئالدى بىلەن ژۇرنال تەھرىراتى تەرىپىدىن تەھرىرلىك پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن كېلىش كەلمەسلىكىگە قاراپ چىقىلىدۇ.بۇ باسقۇچتا پەقەتلا ماقالىگە شەكلەن قاراپ چىقىلىدۇ، ماقالە مەزمۇنىغا ئائىت    ھىچقانداق بىر باھالاش ئېلىپ بېرىلمايدۇ.

شەكىل جەھەتتىن مۇۋاپىق دەپ قارالغان ماقالىلەر ئاپتورنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان ئاساستا تەھرىرلىك ھەيئىتىگە ئەۋەتىلىدۇ.تەھرىرلىك ھەيئىتى  ئەڭ كېچىككەندە 20 كۈن ئەتراپىدا زۆرۈر بولغان باھالاشلارنى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ، تەھرىرلىك پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن دەپ قارالغان ماقالىلەرنى شۇ كەسىپ دائىرىسىدە مۇتەخەسىس بولغان ئەڭ ئاز دېگەندە ئىككى نەپەر بېكىتكۈچى (رېپىرلەر)گە ئەۋەتىدۇ. ژۇرنالنىڭ تەھرىرلىك پىرىنسىپلىرى ۋە سەۋىيە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولمىغان ماقالىلەر رەت قىلىنىدۇ.

خەلقئارا ئۇيغۇرشۇناسلىق ژۇرنىلى بېكىتكۈچىلەر رەت قىلغان ماقالىلەرنىڭ ئاپتورلىرىغا رەت قىلىش سەۋەپلىرى ۋە بۇندىن كېيىنكى ماقالىلەرگە بولغان تەۋسىيە قاتارلىقلار ھەققىدە قىسقىچە بىر خەت ئەۋەتىدۇ.

ژۇرنالنىڭ ئۆلچەملىرىگە مۇۋاپىق بولغان ماقالىلەر بولسا تەھرىر ھەيئىتىنىڭ دەسلەپكى قاراپ چىقىشىدىن كېيىن ژۇرنالنىڭ ماقالە ئەۋەتىش ئېلخەت ئادرېسىدىن ئىككى نەپەر بېكىتكۈچىگە يوللىنىپ، ئىلمىي ۋە ئەخلاق پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلغان ئاساستا قاراپ چىقىلىشقا باشلايدۇ. ھەر ئىككىلا بېكىتكۈچى ئېلان قىلىشقا قوشۇلغان ماقالىلەر ئېلان قىلىنىدۇ.ئەگەر بىرى قوشۇلۇپ ،يەنە بىرى قوشۇلماي قالسا ماقالە ئۈچىنچى بىر بېكىتكۈچىگە (رېپىرگە) سۇنۇلىدۇ، ئاندىن ئۈچىنچى بېكىتكۈچىنىڭ دوكلادىغا ئاساسەن بېسىلىش -بېسىلماسلىقىغا قارار بېرىلىدۇ.

ئەگەر ئۈچىنچى بېكىتكۈچى قاراپ چىقىشنى قوبۇل قىلمىسا ياكى بىر قارارغا  كېلەلمىگەن بولسا، بۇ خىل ئاز كۆرۈلىدىغان ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا ماقالە كېيىنكى ساندىكى نەشىرگە قالدۇرۇلۇپ، ژۇرنال تەھرىراتى تەرىپىدىن يېڭى بىر بېكىتكۈچىگە ھاۋالە قىلىنىدۇ.

بۇ باسقۇچلار كۆزدە تۇتۇلغاندا، ئاپتورلارغا ئەسەرلىرىنىڭ 12 ئاي ۋاقىت ئىچىدە ئېلان قىلىنىدىغانلىقىدىن باشقا، ماقالىنىڭ ئېنىق ئېلان قىلىنىش مۆھلىتى ھەققىدە ھىچقانداق ئۇچۇر بېرىلمەيدۇ.

TÜBİTAK/ ULAKBİM      خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ژۇرنىلى

تەرىپىدىن تۈزۈلگەن ” كور باھالاش” دەپ ئاتالغان باھالاش سىستېمىسىنى قوللانغان بولۇپ،بۇ سىستېمىغا ئاساسەن ماقالىنى تەھرىرلەش جەريانىدا بېكىتكۈچىلەرگە ئاپتورنىڭ ئىسمى ياكى ئاپتورلارغا بېكىتكۈچىنىڭ ئىسمى ئاشكارىلانمايدۇ. تەھرىرلەشكە تاپشۇرۇلغان بارلىق ماقالىلەر ئوچۇق ئاشكارىلىك پىرىنسىپى بويىچە ئارخىبتا بەش يىلغىچە ساقلىنىدۇ. تەھرىرلىك ھەيئىتى ژۇرنالغا ئەۋەتىلگەن ماقالىلەرنىڭ ئېلان قىلىنىش – قىلىنماسلىقىغا قارار بېرىدۇ.ئاپتورلار بىلەن بولغان بارلىق  خەت – ئالاقە پەقەتلا

ئادرېسىى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.  ژۇرنالغا ئەۋەتىلگەن uygurarastirmalari@gmail.com

بارلىق ماقالىلەر بىردەك قايتۇرۇلمايدۇ.

خەلقارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ژۇرنىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇرشۇناسلىققا ئائىت، ئوخشىمىغان ئۇسلۇبتىكى ئىلمىي تەتقىقاتلارنى ئېلان قىلىش،  ۋە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا مەزكۇر تەتقىقاتلارنى خەلقئارالىق كاتىگورىيىگە ئېلىپ كىرىش ئارقىلىق ئۆز نۆۋىتىدە تۈركشۇناسلىق تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشنى ئۆزىگە نىشان قىلىدۇ ۋە تۈركشۇناسلىق ساھەسىدە بىر ئەدەبىي سەھىپە ھاسىل قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

MLA, WorldCat, AsosIndex, Sobiad بۇ ژۇرنال

قاتارلىق 11 خىل خەلقئارالىق ئىندېكىس ئامبىرىغا كىرگۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئۆلچەمگە ئىگە بىر ژۇرنالدۇر.

Uluslararası Uygur Araştırmaları Dergisi © 2016 Creative Commons Lisansı
Bu eser Creative Commons Atıf-GayriTicari-AynıLisanslaPaylaş 4.0 Uluslararası Lisansı ile lisanslanmıştır.